شىنخۇا تورى خەۋىرى: بەش يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، يۈننەن ئۆلكىسى موجياڭ ناھىيەسىدىن لىنساڭ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاندى. مۇخبىرنىڭ يۈننەن ئۆلكىلىك قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغانلىقى پۈتۈن ئۆلكىدىكى 16 ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۈەنسېن فوتوسى