1-ئاينىڭ 13-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى چۇەنجوۋ شەھىرى يۇڭچۇن ناھىيەسىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساپال زاۋۇتى — جيۇمۇ يۇڭچۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى #101 ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتىدا تازىلاش بۇيۇمى ئىشلەپچىقارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى مۇھىم بازار فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىدىكى باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى كېسىش نۇقتىسى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر يېتەكلەش بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى پەسەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىشىغا كۈچ قوشتى. شۇ جايدىكى باج تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكسىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسى چۇەنجوۋ شەھىرىدىكى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەققىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش پۇلىدىن 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بەھرىلەندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى