«جۇڭگو تيەنيەن» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىگە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

日期:2021年01月05日
来源:新疆日报网
【字体:

«جۇڭگو تيەنيەن» دەپ نام بېرىلگەن دىيامېتىرى 500 مېتىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ2021-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىگە رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ كۆزىتىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ «جۇڭگو تيەنيەن» ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى تور ئارقىلىق دۆلەت رەسەتخانىسىغا كۆزىتىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىكەن، ئىلتىماس قىلىنغان تۈر «جۇڭگو تيەنيەن» ئىلىم-پەن كومىتېتى ۋە ۋاقىت تەقسىملەش كومىتېتىنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلۇپ، تۈر تاللاش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن ھەم 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۆزىتىش ۋاقتى تەقسىملىنىدىكەن.

«جۇڭگو تيەنيەن» ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، باش ئىنژېنېرى جياڭ پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى يىلدا، چەت ئەل ئالىملىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان كۆزىتىش ۋاقتى تەخمىنەن %10نى ئىگىلەيدىكەن.

«جۇڭگو تيەنيەن» 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، «جۇڭگو تيەنيەن» خەلقئارا ئادەت بويىچە تەدرىجىي ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىنى بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زور ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە ئۇنى تونۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. (مۇخبىر چى جيەن)

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى