قاردىن ياسالغان ئاۋىياماتكا خاربىندا پەيدا بولدى

日期:2021年01月04日
来源:新疆日报网
【字体:

 1-ئاينىڭ 3-كۈنى خاربىن شەھىرى داۋۋەي رايونى جياڭپەن باغچىسى چۇاڭگۇەندۇڭ مەيدانىدا تارتىلغان قاردىن ياسالغان ئاۋىياماتكا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، قاردىن ياسالغان بىر ئاۋىياماتكا خاربىن شەھىرى جياڭپەن باغچىسىدىكى چۇاڭگۇەندۇڭ مەيدانىدا پەيدا بولدى. قاردىن ياسالغان ئاۋىياماتكا«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىنى ئاساسىي نۇسخا قىلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدۇ، تەخمىنەن 2360 كۇب مېتىردىن ئارتۇق قار ئىشلىتىلگەن، 19 كىشىلىك كوللېكتىپ 20 كۈنگە يېقىن ۋاقىتتا ياساپ چىققان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (جاڭ تاۋ فوتوسى)

1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچى خاربىن شەھىرىدىكى قاردىن ياسالغان ئاۋىياماتكا يېنىدىن ئۆتمەكتە.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى، خاربىن شەھىرى داۋۋەي رايونى جياڭپەن باغچىسى چۇاڭگۇەندۇڭ مەيدانىدا سۈرەتكە تارتىلغان قاردىن ياسالغان ئاۋىياماتكا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).