سىستېما قارىشى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

日期:2020年12月03日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش − «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن سىستېما قارىشى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش بىزدىن مەسىلىلەرنى بىر پۈتۈنلۈكتىن، ئومۇمىي جەھەتتىن تونۇشقا ماھىر بولۇپ، يېتىم، بىر تەرەپلىمە، تۇرغۇن نۇقتىئىنەزەرنى ئاڭلىق چۆرۈپ تاشلاپ، ئومۇميۈزلۈك باغلىنىش داۋامىدا كونكرېت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بىز تەبىئەت دۇنياسىنى ياكى ئىنسانىيەت تارىخىنى ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا خىلمۇخىل باغلىنىشلار ۋە ئۆزئارا تەسىرلەر چەكسىز گىرەلىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈش نامايان بولىدۇ.» سىستېما قارىشىنىڭ ئىلمىيلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك باغلىنىشنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، بىر پۈتۈنلۈك، باغلىنىشلىق، قۇرۇلمىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ۋە مۇھىتنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ، بىر پۈتۈن ئىگىلەيدۇ.

ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە باشتىن-ئاخىر سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پىلانلىغان ئىشلىرىنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئومۇمىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىگە قويۇپ ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. سىستېما قارىشىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە مۇھىم نۇقتىنى تېز، توغرا ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، «بىر تەدبىر بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى جانلاندۇرۇپ»، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سىستېما ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇش − خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى چىڭىتىشتىكى مۇھىم تېما. پارتىيەلىك كادىرلار ئومۇمىيەت ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831684.html