شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش كىرگەندىن بۇيان، گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرى مەيجى رايونى شىفۇ بازىرى خۇڭجياجۇاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىكار ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ، مەركەزلىك كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقاردى. خۇاڭجياجۇاڭدا كەسمە چۆپ ياساش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. خۇاڭجياجۇاڭدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداينىڭ سۈپىتى ياخشى، ئادەتتە قىش كىرگەندىن كېيىن مەركەزلىك كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەم كېلەر يىلى 3-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان كەسمە چۆپ شۇ جايدا پارچە سېتىلغاندىن سىرت، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما شىپىڭ فوتوسى