«تۇلپار» باغچىغا قايتىپ كەلدى! 160 يىلدىن بۇيانقى تۇنجىسى!

日期:2020年12月02日
来源:新疆日报网
【字体:

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر زالدا ئات بېشى مىس ھەيكىلىنى كۆرمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارشى يۈسېن، لو شىن): 160 يىل بۇرۇن، يۈەنمىڭيۈەن باغچىسى ئېچىنىشلىق كۆيدۈرۈلۈپ تالان-تاراج قىلىندى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان ئات بېشى مىس ھەيكىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باغچىغا قايتىپ كەلدى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى شۇ كۈنى ئات بېشى مىس ھەيكىلىنى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ يىغىپ ساقلىشىغا رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىپ، بۇ «تۇلپار»نىڭ چەت ئەلگە ئېقىپ كەتكەن مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىغا قايتىپ كەلگەن تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئات بېشى مىس ھەيكىلىنىڭ «ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش يولى»غا كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن ——2007-يىلى، مىس ھەيكەل كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرىدا پەيدا بولدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى داڭلىق كارخانىچى، ۋەتەنپەرۋەر زات خې خۇڭشېن مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالدى؛ 2019-يىلى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، خې خۇڭشېن يۈەنمىڭيۈەن باغچىسى ئات بېشى مىس ھەيكىلىنى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىگە رەسمىي ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى؛ ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈجۇ ئات بېشى مىس ھەيكىلىنىڭ «ئۆيگە» قايتىپ، ئەسلىدىكى يۈەنمىڭيۈەنگە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.