بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇلى (1-يۈرۈش) تارقىتىلدى

日期:2020年12月02日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگىراممىسى (يۈسىخۇي): 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇلى(1-يۈرۈش)نى تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىر يۈرۈش خاتىرە پۇلجەمئىي توققۇز دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن خاتىرە پۇل ئۈچ دانە، كۈمۈش خاتىرە پۇل بەش دانە، ئالتۇن-كۈمۈش قوش مېتاللىق خاتىرە پۇل بىر دانە بولۇپ، ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا بېكىتىلگەن پۇل.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى فەن يىفېي بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپخەن زىرۇڭ خاتىرە پۇلى يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خې جياڭخەي تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاتىرە پۇلى تارقىتىش بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئولىمپىك روھىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىپ، ئولىمپىك مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ جۇلالانغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يۈرۈش خاتىرە پۇلنىڭ ئۆلچەم، لايىھە، ئىشلەپچىقىرىش، ئورالما، كېڭەيتىش ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلغان: مەسىلەن، تەنتەربىيە تېمىسىدىكى خاتىرە پۇلغا قوش مېتاللىق ئۆلچەم كىرگۈزۈلگەن؛ «رەڭدار نۇر ئۆزگەرتىش» ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلىپ، خاتىرە پۇلنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئوخشاش بولمىغان نۇر شارائىتىدا كۆپ قاتلاملىق نۇر ئۈنۈمى يارىتىلغان؛ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورالمىسىنىڭ ھەممىسىگە پارچىلىنىدىغان مۇھىت ئاسراش ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇلى(1-يۈرۈش)نى جۇڭگو خەلق بانكىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو جىنبى باش شىركىتى تەرىپىدىن سېتىلىدىكەن. سېتىش يوللىرى جۇڭگو جىنبىتورىسودا شەھەرچىسى، بىۋاستە سېتىش مەركىزى، پارچە سېتىش مەركىزى ۋە جۇڭگو تىللاسى ئالاھىدە ئىجازەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ھەمدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ ھەمكارلىق ھەمراھى بولغان جۇڭگو بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.