خېبېي ساڭجوۋ: كېسەل ۋە يارىلانغان قۇشلار ساقىيىپ قويۇپ بېرىلدى

日期:2020年11月18日
来源:新疆日报网
【字体:

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساڭجوۋ شەھىرى ساڭشيەن ناھىيەسى شىڭجى بازىرىنىڭ نەندى كەنتىدە، قۇش قوغداش پىدائىيلىرى ساقايغان قۇشلارنى قويۇپ بەرمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى:11-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېبېي ساڭجوۋ شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسى، ساڭجوۋ شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانلار قۇتقۇزۇش مەركىزى ساڭشيەن ناھىيەسى نەندى كەنتىدىكى قۇش قوغداش پىدائىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ساقايغان قۇشلارنى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كۆچۈش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ قالغان ياكى يارىلانغان 42 قۇشنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن قويۇپ بەردى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساڭجوۋ شەھىرى ساڭشيەن ناھىيەسى شىڭجى بازىرىنىڭ نەندى كەنتىدە، ساڭجوۋ شەھەرلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ساقايغان قۇشلارنى قويۇپ بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ مىن فوتوسى