ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى تاسادىپىي ئۇچرىشىش

日期:2020年11月13日
来源:新疆日报网
【字体:

بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ سىچۇەن كۆرگەزمە ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتى مۈشۈكئېيىق ئويۇنچۇق؛ ئاستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىنىڭ لېسىفۇ كۆرگەزمە سۇپىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان «مۇزىكىلىق مۈشۈكئېيىق».

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى يەر شارىۋى سودىدىكى تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئېھتىياجلىق تەرەپ ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان «كۆۋرۈك» بولۇپ قالدى، بۇ سودا كاتتا مەرىكىسى شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا ئايلاندى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت بۇ يەردە «تاسادىپىي ئۇچراشتى». شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى جاڭ خاۋفۇ فوتوسى

بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ شەنشى كۆرگەزمە ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتى ئات شەكىللىك بېزەك؛ ئاستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئىراننىڭ ئالتۇن يالىتىلغان فارفور ئات.

بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ جېجياڭ كۆرگەزمە ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان سەھنە كەشتە ئەسىرى؛ ئاستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان قولدا ئىشلەنگەن ئاسما پارىس گىلىمى.

بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ جېجياڭ كۆرگەزمە ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان چىپاۋ؛ ئاستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدىكى يوۋيىكۇ كۆرگەزمە سۇپىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان كىيىم-كېچەك.

بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ شەنشى كۆرگەزمە ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان فېڭشياڭ لاي ھەيكەل مايمۇنى؛ ئاستىدىكى سۈرەت 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدىكى لېگاۋ كۆرگەزمە سۇپىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان سۈن ۋۇكۇڭ شەكىللىك كۇبىك.