يۈنچيۇدا شىزىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى

日期:2020年11月13日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىندا، سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرى شياڭنىڭ ناھىيەسى يۈنچيۇ تېغىدىكى شىزىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. شۇ جايدىكى دېھقانلار ئوچۇق ھاۋا رايىنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىۋالغان شىزىنى ئاقلاپ قۇرۇتۇپ، شىزى قېقى، شىزى پوستى قاتارلىقلارنى تەييارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ باشلىرى دەل يۈنچيۇ تېغىدا شىزى يىغىش، پىششىقلاش، سېتىش جانلىنىدۇ، شىزى ئۆستۈرگەن دېھقانلار شىزى قېقى، شىزى پوستىنى ئاپتاپقا سالىدۇ، بۇشۇ جايدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ.

 شۇ جايدا شىزى ئۆستۈرگەن دېھقانلار ئوچۇق ھاۋا رايىدىن پايدىلىنىپ، شىزى قېقى، شىزى پوستىنى قۇرۇتماقتا.

 شىزى ئۆستۈرگەن دېھقانلار شىزىلارنى رەتلىك تىزىپ، ئاپتاپقا سالماقتا.

 ساپسېرىق شىزىلار شاخلارغا توشۇپ كەتتى.

شىنخۇا تورى تارقاتتى (چى ۋېنخۇي فوتوسى)