ئالتۇن كۈزدە مېۋىلەرنىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى

日期:2020年10月28日
来源:新疆日报网
【字体:
 
10-ئاينىڭ 25-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى شىندۇ رايونى سۇڭجياجۇاڭ بازىرى بېيديەن كەنتىدىكى باغۋەنلەر مېۋىلىك باغدا ئالما ئۈزمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى:ئالتۇن كۈزدە، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى شىندۇ رايونىدىكى 65 مىڭ مو ئالما ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر ئالما ئۈزۈش، بازارنى تەمىنلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى شىندۇ رايونى ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى (جۇ شۈدۇڭ فوتوسى)