شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇلازىمەت سودا كۆرگەزمە رايونىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي)دە ئۆتكۈزۈلدى. 3-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇلازىمەت سودا كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى، مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، مەدەنىيەت-ساياھەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر 250تىن ئېشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە باشلامچى كارخانا 50 نەچچىگە يەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى