خېبېي ۋۇچياڭ: مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ، خاس مۇزىكا بازىرى بەرپا قىلىندى

日期:2020年10月21日
来源:新疆日报网
【字体:
 
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىشچىلار خېبېي ئۆلكىسى ۋۇچياڭ ناھىيەسى جوۋۋو مۇزىكا بازىرىدىكى بىر چالغۇ ئىشلەش كارخانىسىدا چالغۇ ياسىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى ۋۇچياڭ ناھىيەسى30 نەچچە يىللىق غەرب ئەللىرى چالغۇلىرىنى ياساش تارىخىغا ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋۇچياڭ ناھىيەسى چالغۇلار مەدەنىيەت كەسپى بايلىقىغا تايىنىپ، چالغۇ ياساش، چالغۇلارنى سىناش، مۇزىكا كۆرگەزمىسى ۋە دەم ئېلىش، ئىستىراھەت قاتارلىق كەسىپلەر بىر گەۋدىلەشكەن جوۋۋو خاس مۇزىكا بازىرىنى قۇرۇپ چىقتى. 2019-يىلى، مۇزىكا بازىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 598 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شۈدۇڭ فوتوسى

 
خېبېي ئۆلكىسى ۋۇچياڭ ناھىيەسى جوۋۋو مۇزىكا بازىرى. (10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)

 
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېبېي ئۆلكىسى ۋۇچياڭ ناھىيەسى جوۋۋو مۇزىكا بازىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا تۇرۇشلۇق ناخشا ئېيتىش ماھىرى نومۇر ئورۇنلىماقتا.