گۇيجوۋ يۈپىڭ: ۋېڭياڭ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى

日期:2020年10月21日
来源:新疆日报网
【字体:
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياۋپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى شيا جېڭخۇا (ئالدىدا) ۋە ياردەم بەرگۈچى كادىرلار بىلەن بىرلىكتە يېزىلاردا قېلىپلاشقان ئۆي سېلىشنىڭ لايىھە ئۈنۈم خەرىتىسىنى تىزىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاللىشىغا تەمىنلىدى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتى ئىلگىرى يۈپىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك نامرات كەنتى بولۇپ، كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 92 ئائىلە، 353 ئادەم بار ئىدى. 2018-يىلى يىل بېشىدا، نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ۋېڭياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پائال مەبلەغ توپلاپ، تۈر ئىلتىماس قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئاممىنى يېتەكلەپ تاشيول، مەدەنىيەت مەيدانى ۋە كەسىپ يولى ياسىدى، ئاممىنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىنى يەرنى ئوبوروت قىلىپ، مېۋە-چېۋە تېرىش، نېلۇپەر ئېتىزىدا بېلىق بېقىش، شياڭجۇ بېقىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر، ۋېڭياڭ كەنتىدە تۈرلۈك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى يەر ئوبوروتى، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. 2019-يىلى، ۋېڭياڭ كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن 7000 يۈەن ئاشتى. 2019-يىلى ۋېڭياڭ كەنتى پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى نۆللەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شىنخۇا ئاگېنلىقى مۇخبىرى ياڭ يىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياۋپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتى شياڭجۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىسى شيا جېڭخۇا شياڭجۇ قوتىنىغا كىردى.

كەنت ئاھالىسى گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياۋپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتىدىكى سېرىق شاپتۇل ئۆستۈرۈش بازىسىدا سېرىق شاپتۇل توشۇماقتا. (7-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى خۇ پەنشۆ فوتوسى

كەنت ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياۋپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتىدىكى گىلاس كەسىپلەر باغچىسىدا گىلاس يىغماقتا. (4-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان)

10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى زاۋجياۋپىڭ كوچىسى ۋېڭياڭ كەنتى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ يىڭ فوتوسى