دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ باھاسى چوقۇم ئامما قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە بولىدۇ

日期:2020年10月21日
来源:新疆日报网
【字体:

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يىغىندا، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي دورا-سەھىيە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جۇڭۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى:يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ باھاسىغا قارىتا، جۇڭگو ئالدى بىلەن كارخانا سۇبيېكتى باھا بېكىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قانچە ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى پىرىنسىپ دەل ئاممىۋى مەھسۇلاتنىڭ خاسلىق پىرىنسىپىدىن ئىبارەت، ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇش خاسلىقى بىلەن، ئۇنىڭ باھاسى ھەرگىزمۇ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئاساس قىلىنغان ھالدا بېكىتىلمەستىن، بەلكى تەننەرخ باھا بېكىتىشتىكى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى پىرىنسىپ بولسا ئاممىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىڭ باھاسىنى بېكىتىش. شۇڭا، مەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆپچىلىككە شۇنداق دېيەلەيمەنكى، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ باھاسى چوقۇم ئامما قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، تەننەرختىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ۋاكسىنا ئەملەش كۆلىمىنىئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،تېخنىكا لىنىيەسى ئوخشاش بولمىسا، ۋاكسىنا تەننەرخىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. مەسىلەن، پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى دەرىجىلىك بىيولوگىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، تەننەرخىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن؛ بەزى ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنا، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ زەھىرىنى ئازايتىدىغان توشۇغۇچى ۋاكسىنا، نوكىلېك كىسلاتاسى ۋاكسىنىسى ۋە قايتا تەشكىللەنگەن ئاقسىل ۋاكسىنىسىنىڭ تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كېڭىيىشى، ئەملەش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تەننەرخمۇ ئۆزگىرىدىكەن. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ باھاسى چوقۇم ئامما قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئۇ يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىدىكەن، شۇڭا دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيانى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەندە ئادىل، مۇۋاپىق باھا قويىدىكەن. يەنە، ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق،بەزى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ قاپلاشچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.