جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى مۇسبەتكە ئۆزگەردى

日期:2020年10月21日
来源:新疆日报网
【字体:

يۇقۇم چوڭ سىنىقى ئالدىدا

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى مۇسبەتكە ئۆزگەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن ۋېيۋېي، ئەن بېي) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئاشتى. يۇقۇم چوڭ سىنىقى ئالدىدا جۇڭگو ئىقتىسادى ئالدى بىلەن قايتا جانلاندى، نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ غايەت زور زەربىسى ۋە مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى - تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ھالىتى داۋاملاشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، 2 - پەسىلدە ئېشىش سۈرئىتى مۇسبەتكە ئۆزگىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان، 3 - پەسىلدە ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىشىپ، %4.9كە يەتكەن، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلگەن.

ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، 3 - پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.8 ئېشىپ، 2 - پەسىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2 - پەسىلدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

ئېھتىياج جەھەتتە، 3 - پەسىلدە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئېشىپ، پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن؛ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن؛ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا 8 مىليون 980 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %99.8ى ئورۇندالغان. 9 - ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.4 بولۇپ، 8 - ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن.

«جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقۇمنىڭ بېسىم سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى» دېدى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىمىڭ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) يېقىندا «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يەر شارىۋى ئىقتىساد %4.4 چېكىنىدىكەن، جۇڭگو يەر شارىدىكى بىردىنبىر مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالىدىكەن. IMFنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدىكەن.