نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مېيىپلەر

日期:2020年10月20日
来源:新疆日报网
【字体:
 
10-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى لۇڭخۇي ناھىيەسى دۇلەي زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدا، مېيىپ لو لۇڭگۇي (ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا) مېيىپ خىزمەتچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: لو لۇڭگۇي ئۇزۈن يىل سائەت، ئېلېكتىر سايمانلارنى ياساپ، كېيىن زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئېچىپ كارخانىچىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ كارخانىسى ئالدى-كەينى بولۇپ 200دىن ئارتۇق مېيىپ ۋە 120دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو مېيىپلەر جەمئىيىتى ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىشىپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن «2020-يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يۈرۈشلۈك مۇنبىرى __ مېيىپلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدە جەمئىي 7 مىليونغا يېقىن نامرات مېيىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا، تېخىمۇ كۆپ مېيىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەيسەر، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكنى يېڭىپ، نامراتلىق ئۈستىدىن غالىب كەلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى (سەي ياڭ فوتوسى)

 
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى چېڭبۇ ناھىيەسى خۇنەن چىچى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مېيىپ قىز ياڭ شۇتىڭ (ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا) خىزمەتداشلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. 1991-يىلى تۇغۇلغان مياۋزۇ قىزچاق ياڭ شۇتىڭ قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن كۆكرەك قىسمىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق تور دۇكىنى ئېچىپ ئۆز كارخانىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشمىسى ئىمزالاپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سومكا ۋە تەقلىدىي گۈل-گىياھلارنى ياساپ، نەچچە مىڭ نامرات كىشى ۋە 59 مېيىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى چېڭبۇ ناھىيەسىدىكى مېيىپ قىز ياڭ شۇتىڭ ئاچقان خۇنەن چىچى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سومكا ياسىماقتا.

 
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مېيىپ قىز ياڭ شۇتىڭ خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى چېڭبۇ ناھىيەسىدىكى ئۆزى ئاچقان خۇنەن چىچى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا.

 
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى چېڭبۇ ناھىيەسىدىكى خۇنەن چىچى پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، مېيىپ قىز ياڭ شۇتىڭ توردا سومكا ساتماقتا.

 
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى دۇڭكوۋ ناھىيەسى خۇايى گىرىم بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە، مېيىپ جاڭ خېلۈن (سولدىن بەشىنچى كىشى) دوستلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. 42 ياشقا كىرگەن جاڭ خېلۈن 1998-يىلى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىدىن قالغان. ئۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق بېيىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 18 مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يەنە «بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق 50تىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈتكە بولدى.  
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرى ليەنتەي ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، يالغان پۇت سالغان مېيىپ ما يۈمېي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىزمەت قىلماقتا.