خېبېي خۇەيلەي گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئېچىلدى

日期:2020年10月20日
来源:新疆日报网
【字体:

خېبېي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيەسى گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مۇزېيى(10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكۇ شەھىرى خۇەيلەي ناھىيەسىگە جايلاشقان گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ سۇلۇق يەر باغچىسى پايتەخت ئەتراپىدىكى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە سۇلۇق يەر بايلىقىدۇر.

ئىگىلىنىشىچە، باغچە قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، خۇەيلەي ناھىيەسى35.4 كىۋادرات كىلومېتىر سۇلۇق يەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، سۇلۇق يەر مۇزېيى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق 15 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەك قۇرۇلۇشنى تاماملىغان، جەمئىي2 مىليارد 174 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان،باغچىدا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىشلەشكە جەلپ قىلىنغان ئەتراپتىكى ئامما 46 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ،ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي كىرىمى 146 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 2600 يۈەندىن كۆپرەك ئاشقان.(ۋۇ ديەنسېن فوتوسى)

خېبېي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيەسى گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى(10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). 

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېبېي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيەسى گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. 

خېبېي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيەسى گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى(10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېبېي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيەسى گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.