چۇڭچىڭ «مەدەنىيەت يادىكارلىقى پەلەمپەي ئېتىزى»دا يەنە شال ئۆستى

日期:2020年10月19日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى:چۇڭچىڭ شەھىرى چيەنجياڭ رايونى لىنئې بازىرىنىڭ گاۋپىڭ كەنتى دېڭىز يۈزىدىن 1100 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، 2000 مودىن ئارتۇق «مىڭ تۆپىلىك ئېتىز» دەپ ئاتالغان پەلەمپەي شاللىق بار، بۇ شۇ جايدا مۇكەممەل ساقلانغان چوڭ تىپتىكى ئېتىز ئەسلىھەسى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئىشلىرى بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقى پەلەمپەي ئېتىزى»غا ئايلاندى.(ياڭ مېي فوتوسى)

ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتسە، كۆپ قىسىم پەلەمپەي ئېتىزلار ئاق قالاتتى. 2018-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى قاقاس پەلەمپەي ئېتىزلارنى ئوبوروت قىلىپ، ئورگانىك شال تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى ھەم شال بېلىقى، شال راكى، شال لاييېگەكنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش-بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ ئىستېرېئولۇق يېزا ئىگىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، پەلەمپەي ئېتىزلارنى بۇ رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندۇردى.(يې شىڭجيەن فوتوسى)

ھازىر شال پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھوسۇل ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.(يې شىڭجيەن فوتوسى)

كەنت ئاھالىلىرى شال يىغىش سايمانلىرىنى كۆتۈرگىنىچە «مەدەنىيەت يادىكارلىقى پەلەمپەي ئېتىزى»غا شال ئورۇشقا ماڭدى.(ياڭ مىن فوتوسى)

كەنت ئاھالىلىرى «مەدەنىيەت يادىكارلىقى پەلەمپەي ئېتىزى»دا شال ئورۇماقتا.(يې شىڭجيەن فوتوسى)