گۇيجوۋ بىجيې: ئېتىزلىقتىكى شياڭسۇڭ تېرىش ئالدىراشلىقى

日期:2020年10月19日
来源:新疆日报网
【字体:

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى خېجاڭ ناھىيەسى سۇڭلىنپو يېزىسى بەنبيەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى شياڭسۇڭ ئۆستۈرۈش بازىسىدا شياڭسۇڭ تېرىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى خېجاڭ ناھىيەسى سۇڭلىنپو يېزىسى بەنبيەن كوچىسى مەھەللىسىگە جايلاشقان شياڭسۇڭ بازىسىدا ئالدىراش مەنزىرە پەيدا بولدى، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يامغۇرغا قارىماي شياڭسۇڭلارنى توشۇپ، ئايرىپ، تېرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىجيې شەھىرى ۋۇمېڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغلىق يەرنىڭ سوغۇق كىلىمات ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ شياڭسۇڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2020-يىلى، پۈتۈن شەھەرنىڭ شياڭسۇڭ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە مەھسۇلات مىقدارى 130 مىڭ توننىدىن، مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى لو دافۇ فوتوسى