خەلق تورى، خېڭياڭ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (لى فاڭسېن): 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «خېڭياڭ-بىكېرىيان» تۇنجى قېتىم يولغا چىقتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز خېڭياڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى بىكېرىيان شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 9463 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 13 كۈندە يېتىپ بارىدۇ. بۇ تۇنجى قېتىم خېڭياڭدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريول خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولى ھېسابلىنىدۇ.