2020-يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى كۆرگەزمىسى شېنجېندا باشلاندى

日期:2020年10月19日
来源:新疆日报网
【字体:

10-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 2020-يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 2020-يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى كۆرگەزمىسى شېنجېن كۆرگەزمە مەركىزىدە رەسمىي باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، ئورتاق بېيىش، ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنغان، كۆرگەزمە كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، پاراخوت ۋە پورت قاتنىشى، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش، دېڭىز-ئوكيان يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ئېلېكتىر ئۇچۇرلىرى، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە بىخەتەرلىكى، دېڭىز-ئوكيان بىيو تېببىي دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان. (لياڭ شۈ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمىدە جۇڭگو دېڭىز نېفىتى چوڭقۇر سۇ نېفىت-گازلىقىنى چارلاش-ئېچىش مودېلىنى كۆرمەكتە.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمىدە پوچتا پاراخوتىنىڭ مودېلىنى كۆرمەكتە.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمىدە +5G دېڭىز-ئوكيان تېخنىكىسىنى چۈشەنمەكتە.