تەيفېڭ بورىنى «لاڭكا» خەينەندە قۇرۇقلۇققا چىقتى

日期:2020年10月16日
来源:新疆日报网
【字体:

10-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خەيكوۋ شيۇيىڭگاڭ پورتىنىڭ مەنزىرىسى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى:بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 3تىن باشلاپ، چيۇڭجوۋ بوغۇزىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش توختىدى. شۇ كۈنى سائەت 19دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، بۇ يىلقى 16-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «لاڭكا» خەينەن ئۆلكىسىنىڭ چيۇڭخەي شەھىرى بوئاۋ بازىرىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، قۇرۇقلۇققا چىققاندىكى ئەڭ چوڭ بوران كۈچى 10 بالغا يېتىپ، بۇ يىلقى خەينەندە قۇرۇقلۇققا چىققان تۇنجى تەيفېڭ بورىنى بولۇپ قالدى، «لاڭكا»نىڭ تەسىرىدە خەينەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يامغۇر ياغدى، ئارالغا كىرىپ-چىقىش قاتنىشى تەسىرگە ئۇچرىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ گۇەنيۈ فوتوسى

 10-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خەيكوۋ شىشيۇ دېڭىز ساھىلىدىن بىر كۆرۈنۈش.

 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتوموبىللار خەيكوۋ شەھىرىنىڭ بىنخەي يولىدا كېتىۋاتماقتا.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسى خەيكوۋ شەھىرىنىڭ بىنخەي يولىدا توكسىكلىت مىنىپ كېتىۋاتماقتا.