شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى،خەلقئارا ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى جۇڭگۇەنسۈن كوچا باشقارمىسى دۇڭلىنەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر جۇڭگۇەنسۈن كوچا باشقارمىسى بىخەتەرلىك تەشۋىق-تەربىيە بازىسىغا كېلىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگۇەنسۈن كوچا باشقارمىسى بىخەتەرلىك تەشۋىق-تەربىيە بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار مەھەللە ئاھالىلىرىگە ئائىلىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇردى.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگۇەنسۈن كوچا باشقارمىسى بىخەتەرلىك تەشۋىق-تەربىيە بازىسىدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بىنا كارىدورىدا ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇشنى ئۆگەنمەكتە.