يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى فېڭرۈن رايونى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويۇش جەريانىدا، «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى» ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى سىلوس قونىقى تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «زاكاز بويىچە تېرىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى. نۆۋەتتە، بۇ رايوننىڭ سىلوس قونىقى تېرىلغۇ كۆلىمى 40 مىڭ مودىن ئېشىپ، 3000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ فوتوسى