جېجياڭ خۇجوۋ: ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سۇپا شەھەر دەريا يولىنى دەل جايىدا تۈزەشكە كۈچ قوشتى

日期:2020年10月15日
来源:新疆日报网
【字体:

  10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز تەكشۈرۈش-ئۆلچەش كېمىسى دەريا يولىنىڭ سۇ سۈپىتىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ، ئانالىز قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى لۇڭچۈەن كوچىسىدىكى سۇ تىزگىنلەش خىزمەتچى خادىملىرى ئۈچىنچى تەرەپ تېخنىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئادەمسىز كېمە چارلاپ تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەۋەلىك رايوندىكى شەھەر رايونى دەريا يولىنى تەكشۈردى، بۇ ئادەمسىز كېمىگە قاچىلانغان توردىكى سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، ئەۋرىشكە ئېلىش سىستېمىسى دەريا يولىنىڭ pH قىممىتى، ئېرىگەن ئوكسىگېن، توك ئۆتكۈزۈش نىسبىتى، دۇغلۇق دەرىجىسى، سۇ تېمپېراتۇرىسى، ئاممىياكلىق ئازوت، ئومۇمىي فوسفور قاتارلىق سۇ سۈپىتى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ مۇساپە ئۆزگىرىشىنى تېز سۈرئەتتە ئانالىز قىلالايدۇ. 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئالاقىدار يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز تەكشۈرۈش كېمىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، دەريا چارلاش App قاتارلىق كۆپ خىل يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكىلارنىپائال كىرگۈزۈدى ھەمدە سۇنى ئۇنىۋېرسال ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دەريا چارلاش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا يىغىش، دەريا يولى ئەھۋالىنى تېز يېڭىلاش، بايقالغان مەسىلىلەرنى تېز يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر دەريا يولىنى باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دەل جايىدا تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى