شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

日期:2019年01月23日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى، پۈتۈن پارتىيەدە «تۆت ئاڭ» «تۆت ئىشەنچ» «ئىككىنى قوغداش» كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتى ئاكتىپ، ساغلام ئالغا باستى، ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولدى، كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ بولدى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە سىياسىي، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىساد، پەن- تېخنىكا، جەمئىيەت، تاشقى مۇھىت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ، سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز جەزمەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھەم «قاراقۇ» ۋەقەسىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز، ھەم «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك؛ ھەم خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈستۈنلۈكىمىز بولۇشى، ھەم خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە ئاقىلانە تەدبىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ ھەم خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خەۋپ- خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرىدىغان، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تورنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ياش بىر ئەۋلادلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ ياشلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى شارائىتىنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە بولۇۋاتىدۇ، بىز ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ ھەم كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ئىقتىسادىي ساھەدە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان زور خەۋپ- خەتەرگە دەل جايىدا ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىشىمىز، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم لايىھەسىنى پۇختا يولغا قويۇشى كېرەك. بازار پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى چىقىرىشنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تەسىرىنى باھالاشنى ياخشى قىلىپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. بازارنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «مۇردا كارخانىلار»نى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا قوزغىتىش قىيىن بولۇش، يولغا قويۇش قىيىن بولۇش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، بازاردىن تازىلاپ چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ مىقداردىكى چۆكمە بايلىقلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن- تېخنىكا ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەش تەكرار بولۇش، پەن تەتقىقات كۈچى چېچىلىپ كېتىش، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈزۈم- مېخانىزم ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت مۇھىم، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەشكىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پەن- تېخنىكا بىخەتەرلىكى ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقىل، گېن تەھرىرلەش، داۋالاش، دىياگنوز قويۇش، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەم قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەت مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تېببىي دورا، سەھىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئامانلىقى، تۇرالغۇ بازىرىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، تېز بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىغا چېتىشلىق ئىقتىسادىي دېلولاردا زىيانغا ئۇچرىغان توپقا قارىتا، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، زاڭ مالنى، ئادەمنى تىزگىنلەش، مۈلۈكنى قايتۇرۇش، تەربىيە بېرىپ يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مۇھىم، زور دېلو، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قويۇۋەتمەي، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىنچ- ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەرشارىۋى داۋالغۇش مەنبەسى ۋە خەۋپ- خەتەر نۇقتىسى كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مۇھىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەم دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرنىڭ زەنجىرسىمان ھەمتۈرتكە بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. چەت ئەللەردىكى مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللەردىكى مۇھىم، زور تۈرلەر ۋە خادىملار، ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تازىلىدۇق، نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئەمما بۇ بىزنىڭ ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ خاتىرجەم يېتىشىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پارتىيە دۇچ كەلگەن ئۇزاق مەزگىللىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مەزگىللىككە ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە، پارتىيە دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپى ئۆتكۈرلۈككە ۋە كەسكىنلىككە ئىگە، بۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن چىقىرىلغان زور ھۆكۈم. پۈتۈن پارتىيە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىمىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۈشكۈلاتلاردىن غالىب كېلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، جاسارەتلىك- ياراملىق، ئاچقۇچلۇق پەيتتە تاقابىل تۇرالايدىغان كادىرلارغا جىددىي موھتاج. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق، ئەمما، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تېخى تەلتۆكۈس غەلىبە قىلغىنىمىز يوق. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، قىلچە تاقەت قىلماسلىق ئىرادىسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، چىرىكلىككە زەربە بېرىش سالمىقىنى قىلچە ئاجىزلاشتۇرماي، جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، كۆپچىلىك مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى دائىم كۆزىتىپ، ئومۇملۇق ئۈستىدە دائىم پىكىر يۈرگۈزۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئىلمىي مۆلچەرلەپ، سۇ كەلگىچە توغان سېلىشى كېرەك. خەۋپ- خەتەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى ئىگىلەپ، ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى تۇتۇپ، سەۋەبىنى دەل تېپىپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنى تەشكىللەشكە ماھىر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلمىي سەپ تۈزۈپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۈنۈملۈك بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭگەن دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ زىددىيەت ئىچىدىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلىشى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى، تەدبىر خەۋپ- خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمى، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇ قاتلام تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە، تولۇپ تاشقان قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش روھىنى ساقلىشى، كۈرەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى، ياش كادىرلار مۇھىم، زور كۈرەشلەرگە قاتنىشىپ ھەقىقىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار كۈرەش داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، «ئويمان- دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ- خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش»تەك قەيسەر ئىرادە بىلەن، ھەر بىر مەيدان زور خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

لى كېچياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش زۆرۈر بولغان زور خەۋپ- خەتەرلەرنى شەرھلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.