دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇرقى 600 مىڭدىن 2000 نەچچىگە ئازايدى

日期:2020年09月25日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مەدىتى بىلەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېڭ فۇجى مۇنداق دېدى: نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاش، ئۆلچەمنى چىڭىتىش، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ئارقىلىق ئۈچ جەھەتتە مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر مەكتەپكە قايتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جېڭ فۇجى مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلار 2019-يىلىدىكى 600 مىڭدىن 2419غا ئازايدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلار تۈگىتىلدى. 2019-يىلى، مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.94كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %102.6كە يەتتى.

ياردەم بېرىشنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇمايدىغان ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. 1762 ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 145 مىڭ 700 مەكتەپنى قاپلاپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشتى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى سەپلەش تەلەپلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەكتەپ بىناسى سېلىش جەھەتتە، 2013-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، نامرات رايونلاردا يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنغان مەكتەپ بىناسى كۆلىمى تەخمىنەن 221 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. سىنىپ نورمىسى جەھەتتە، ھازىر 56 كىشىدىن يۇقىرى چوڭ سىنىپ نورمىسى %3.98كە تۆۋەنلىتىلىپ، 66 كىشىدىن يۇقىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىنىپ نورمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى. ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش جەھەتتە، «ئالاھىدە ئىشتات پىلانى» بويىچە جەمئىي 950 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 1000دىن ئارتۇق ناھىيە، 30 مىڭدىن ئارتۇق يېزا مەكتىپىنى قاپلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات يىرىك پىلانى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چاڭيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپ بويىچە شەرق-غەرب ھەمكارلىق پىلانى، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.