گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

تېببىي پەن مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك

日期:2020年09月25日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورىىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تېببىي پەن مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. ئۇ يېتەكچى پىكىردە، تۆت جەھەتتىكى 17 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىسى، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مېدىتسىنا كەسپىنىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېببىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناركوز قىلىش كەسپى، يۇقۇملۇق كېسەلىكلەر كەسپى، ئېغىر كېسەللەر، بالىلار بۆلۈمى قاتارلىق خادىم قىس بولغان كەسپىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېببىي ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق تۈردە ھەقسىز تەربىيىلەش ۋە ئالدىن زاكاز قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، بارلىق تېببىي ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئۇنىۋېرسال تېببىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىش ئېغىزىدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس تېببىي كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېببىي مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش-ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي كەسىپلەر تولۇق قاپلىغان تېببىي مائارىپ ئىسپات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە خەلقئارا ماھىيەتلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېببىي مائارىپ كەسپىي ئىسپات تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېببىي دورا ئاساسىي تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «تېببىي پەن +X» يېڭى ئەندىزىسى بويىچە كۆپ خىل پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈش سۇپىسى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك .

ئۈچىنچىسى، كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە داۋاملىق تېببىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال بۆلۈم دېگەندەك خادىم قىس بولغان كەسپىي كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تىپىدىكى بىر تۈركۈم ئاممىۋى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، بالنىستتا ئىشلەيدىغان دوختۇرلارنىڭ مۇۋاپىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

تۆتىنچىسى، كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېببىي مائارىپ سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ تېببىي مەكتەپلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.