ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىمنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

日期:2020年09月25日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورىىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىمنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .

«يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىمنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىم بولسا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى كىرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، يەرنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسى گەرچە دېھقانچىلىقتىن ئېلىنسىمۇ، ئەمما ئاساسلىقى شەھەرلەرگە ئىشلىتىلىپ كەلدى. نەتىجىدە، ئۇ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، لېكىن، ئۇ خىل كىرىمنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ۋە يېزىلارغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش رولى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇلمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»غا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى كېڭەيتىش ۋە يولغا قويۇش، يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىمىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

1. ئومۇمىي تەلەپ

(1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2ـ ، 3ـ ، 4ـ ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە «تۆتتە ئومۇميۈزلۈك بولۇش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «دېھقانچىلىقتىن ئېلىش، يەنە ئاساسلىقى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىش» تەلىپى بويىچە، يەر سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن پايدىنى شەھەر-يېزا ئىشلىرىغا تەقسىملەپ ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، يەرنى سېتىپ بېرىشتىن كەلگەن كىرىمنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى مەركەزلىك قوللاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»نىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.