شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

日期:2020年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادىللىقنى ياقلاپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 75 يىل ئىلگىرى، دۇنيا خەلقى قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسى. 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىنسانلار ئىككى قېتىم ئېچىنىشلىق ئۇرۇش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، 75 يىللىق ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىلى ئىنسانلار جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلغان 75 يىل بولدى. بىز چوڭقۇر، كەڭ كۆلەملىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈردۇق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋالماقتىمىز، دۇنيادىكى جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىندى ۋە راۋاجلاندى، ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى مىسلىسىز ئۆستى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان 75 يىل بولدى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى، 1 مىلياردتىن كۆپرەك نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نەچچە مىليارد نوپۇس زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كۈچىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىلى كۆپ تەرەپچىللىك تېز تەرەققىي قىلغان 75 يىل بولدى. دۇنيادا مەسىلە ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى چوڭ، يەر شارىۋى خىرىس كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇنى چوقۇم ۋە پەقەت سۆزلىشىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بوران - چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولىدۇ. نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنىلا ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئۇنىڭغا 7 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى باغلانغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى يەنىلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق بولدى. ئىنسانلار ئالاقە راۋانلاشقان يېڭى دەۋرگە كىردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بىر - بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان. يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسلارغا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يەرشارىۋى تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، بىز جەزمەن ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك: دۇنيا قانداق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا موھتاج؟ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟

شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە تۆت نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئادالەتنى ياقلاش. چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىردەك باراۋەر بولۇش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش پىرىنسىپى. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋېلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى مونوپول قىلىۋېلىش ھوقۇقى يوق، دۇنيادا خالىغىنىنى قىلىشقا، مۇشتۇمزورلۇق، زومىگەرلىك، مۇتتەھەملىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. يەككە تەرەپچىللىكنىڭ چىقىش يولى يوق، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئورتاق ئىگىلىشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، قانۇنچىللىقنى قاتتىق ئىجرا قىلىش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى، شۇنداقلا خەلقئارا تەرتىپ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە مەنپەئىتى پەقەت تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇلىدۇ، كىمنىڭ مۇشتۇمى چوڭ بولسا، شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا بولمايدۇ. چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ باشلامچىلىق بىلەن خەلقئارا قانۇنچىللىقنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى، مۇستەسناچىلىق قىلماسلىقى، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇننى بۇرمىلىماسلىقى، قانۇنچىللىق نامىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىقى، خەلقئارا تىنچلىق، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك.

ئۈچىنچى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ مۇھىم ئاساسىي مەقسىتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق سىزىق سىزىپ، نۆل يىغىندىلىق ئويۇن ئوينىسا، ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ھەم ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز − سۆزلىشىشنى توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كېڭىشىشنى تەھدىتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نۆل يىغىندىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئىناق، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا چوڭ ئائىلە قۇرۇش.

تۆتىنچى، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش. كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق تەلىمات سۆزلىمەسلىك، بەلكى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش كېرەك، پەقەت رېتسېپ يېزىپ، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى يۆنىلىش قىلىپ، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇقنى تەڭپۇڭ ئالغا سىلجىتىشى، بولۇپمۇ «2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنى يەرشارىۋى ماكرو رامكىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى بىردىنبىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. بىز باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدايمىز، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدايمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق رولىنى قەتئىي قوغدايمىز.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا بىر يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز كۆپ تەرەپچىللىككە بولغان قەتئىي ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى!