تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

日期:2020年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «چوڭ يىلى» يەنە يېتىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «بۇلۇت تېرمىنالى»دا دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

ئالاھىدە يىل، ئالاھىدە يىغىلىش. 2015 - يىلى 9 - ئايغا قايتىلاپ قارىغىنىمىزدا، رەئىس شى جىنپىڭ نيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بايان قىلىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە دائىر بىر قاتار تەشەببۇس، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا جۇڭگو ئىزىنى چوڭقۇر قالدۇرغانىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يەر شارىۋى خىرىس بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىپ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تېزلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى دەۋر رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىدى، تەرەققىي قىلدى، ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئۆزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، شەخسىيەتچىلىكنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىققا بولغان خىرىسى ئالدىدا، «توپتىن چېكىنىش» «كېلىشىمنى بۇزۇش»، يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىشنىڭ خەلقئارا قانۇنچىللىققا بولغان بۇزغۇنچىلىقى ئالدىدا، جۇڭگو مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى.

«بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يادرۇ قىلىنغان يېڭى تىپتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.» 2015 - يىلى 70 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا «قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئۆتكەن بەش يىلغا قايتىلاپ قارىغىنىمىزدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ئىش خۇددى ھاياتلىق دەرىخىدەك، دەۋر تۇپرىقىدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ، كۈنسېرى بۈك - باراقسانلاشتى.

ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش ئۆلچەم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يولىنى تولۇق نامايان قىلدى.

− بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «سۆزلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك»تىن ئىبارەت دۆلەتلەر ئالاقىسى يېڭى يولىنى ئاچتى.

− بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بىلەن ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

− بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن «تەرەققىيات»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى مەھكەم تۇتۇپ، ئادىل، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلدى.

− بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بىلەن گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بىر پارچە تەسىرلىك يۆگىمە رەسىم سىزىپ چىقتى.

− بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بىلەن يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قوغداپ، بىر پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم.» ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت قىلىشتىكى يۆنىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت قىلىشتىكى كۈچتۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدە تارىخ تۈگۈنىدە تۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بىر بۆلەك سۆزى قۇلاق تۈۋىمىزدە قايتا جاراڭلىدى: «تارىخ دولقۇنى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇ دولقۇن بىردە تىنچلانسا، بىردە ئۆركەشلەيدۇ. بىز بوران - چاپقۇندىن قورقمايمىز، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىنمۇ قورقمايمىز. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيە نۇرىنى يورۇتۇپ، بوران - چاپقۇندىن قورقمايمىز، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقمايمىز. ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبال تەقدىرى مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جۇڭگو تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ ھەم باشتىن - ئاخىر تۇرىدۇ.