شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ ئۆلكە، شەھەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

پۇختا، قەدەم- باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

日期:2019年01月21日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن ۋە تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىدىن ئويلىشىپ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تونۇپ ۋە ياخشى ئىشلەپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىپ، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا، قەدەم- باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

زىمىستان قىش پەسلىدىكى شىمالىي جۇڭگو زېمىنىدا، قاتتىق سوغۇق يۈزگە سانجىلاتتى، تامچە سۇ شۇ ھامان مۇزغا ئايلىناتتى. 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى شۈ چىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ ۋە شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى، تيەنجىن، بېيجىڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

1- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش، كۆرگەزمە قىلىش مەركىزىگە كېلىپ، يېڭى رايوننىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى، سىياسەت سىستېمىسى ھەم قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، رايوننىڭ شەھەر لايىھەسىنى يىغىشنى باشلاش نەتىجە مودېللىرى ۋە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار، نۇقتىلىق تۈرلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. يېڭى رايون ئالدى بىلەن پىلانلاش، قۇرۇش ئىدىيەسىدە يېڭى بولۇشى، ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكچىلىكتە ئىپادىلىنىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىنى يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ چوڭ ئېكران ئارقىلىق بېيجىڭ- شيۇڭئەن شەھەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇرۇلۇش خادىملىرىغا قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلارنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلار دەپ تەرىپلىدى، ئۇلارغا ئىلمىي قۇرۇلۇش قىلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەزىپىنى قەرەلىدە تاماملاشنى تاپىلىدى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلىدى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە پىيادە كېلىپ، مۇلازىمەت كۆزنىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى يولغا قويغان «بىر تامغا ئاخىرغىچە كۈچكە ئىگە بولۇش»نى مۇلازىمەتتە تولۇق تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، دەللەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش كېرەك. مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى زالىدا، كىرىپ ئورۇنلاشقان قىسمەن كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى چۆرىدەپ تۇردى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا موھتاج. مەيلى دۆلەت كارخانىلىرى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، مەيلى يەرلىك كارخانىلار ياكى بېيجىڭ كارخانىلىرى بولسۇن، مەيلى جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بولسۇن، يېڭى رايوننىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كەلسىلا، بىز ھەممىسىنى قارشى ئالىمىز. كەڭ كارخانىلارنىڭ تېپىلغۇسىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئېكولوگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى يولغا قويدى. 1- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ «مىڭ يىللىق شيۇلىن» داچىڭخې تەۋەلىك ئورمىنى بىرىنچى رايونىنىڭ ئورمان بىنا قىلىش رايونىغا كېلىپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئورمان رايونىنى ئارىلاپ دەل- دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شيۇلىن مۇلازىمەت پونكىتىدا كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە «مىڭ يىللىق شيۇلىن» رايونىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، 2- قەۋەتتىكى سۇپىغا چىقىپ ئورمان رايونىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىگە نەزەر سالدى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئورماننى باشقۇرۇش، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇسۇلىنى تەرىپلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاۋۋال كۆكەرتىش، ئاندىن شەھەر قۇرۇش شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يېڭى ئىدىيە. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ مۇھىم قىممەت قارىشىنىڭ نامايەندىسى. «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»نى «مىڭ يىللىق شيۇلىن»دىن باشلاپ، كۆك ۋە يېشىل گىرەلەشكەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى تىرىشىپ داۋاملىق ئېچىش كېرەك. ئۇ ئورمان بىنا قىلىش، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، يەرلىك دېھقانلارنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنى ئورمان بىنا قىلىش، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئۇزاققىچە نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى.

1- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ تيەنجىن نەنكەي داشۆگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. نەنكەي داشۆ 1919- يىلى قۇرۇلغان، شەرەپلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە داڭلىق مەكتەپ. شى جىنپىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نەنكەي داشۆنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە ئۆزگىرىشى، پەنلەر قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان جاي. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي يۈرىكى، مىللىي روھى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى قىسمەن ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوتتۇرا- ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى داشۆنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى. سىياسىي ساپادا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشنى داشۆ قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق خىزمەت قىلىپ، باشتىن- ئاخىر چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئېلېمېنت ئورگانىك خىمىيەسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىش كېرەك. ئۇ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش، كۈرەش قىلىشتىكى كونكرېت نىشاننى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى كوللېكتىپقا سىڭدۈرۈپ، ئىرادە تىكلەپ بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. تەجرىبىخانىدىن چىققاندا، مەيدان ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كۆپچىلىك «ياخشىمۇسىز باش شۇجى»، «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى، «جۇڭخۇانى سۆيىمىز، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرىمىز» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا تەڭ توۋلىدى، يەنە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ يېنىدا تۇرغان ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يىراقتا تۇرغان ساۋاقداشلارغا قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئېھتىرام بىلدۈردى. ئالقىش ساداسى، ناخشا ساداسى، تەنتەنە ساداسى مەكتەپ قورۇسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىگە بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىش بېجىرىش زالىغا كىرىپ، مەھەللىنىڭ تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، خەلققە قولاي مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللە خىزمىتى كونكرېت، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالە، ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى دەل جايىدا بولغان، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت- كاپالەت خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مەھەللىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت- باشقۇرۇش پونكىتىغا كىرىپ، مەھەللىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى كونكرېت ئۇسۇلىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئاپپاراتىنى قۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. چاۋياڭلى مەھەللىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەھەللە پىدائىيلار تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن جاي. مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۆرگەزمە سارىيىدا، يولداش شى جىنپىڭ پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، كەڭ پىدائىيلارنىڭ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم يولى. پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سۇپا قۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى پائال رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تيەنجىن كۆپلىگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى يېقىنقى زامان ئىمارەتلىرى توپى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرى رايونىنى ساقلاپ قالغان. شى جىنپىڭ خېبېي رايونى مىللەتلەر يولىغا جايلاشقان لياڭ چىچاۋنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ تيەنجىن شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەپ، قوغداش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا قوغداش كېرەك.

تيەنجىن پورتى دۇنيادىكى 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 500 نەچچە پورت بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدۇ. 1- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن پورتى پىرىستانىغا كېلىپ، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، پورت پىرىستانىنىڭ مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ بەلگىلەش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق پورتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي ۋاقىت سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۆرسىتىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ تيەنجىن پورتىنىڭ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، قاتناش بولۇپمۇ دېڭىز تىرانسپورتىنى ئالدى بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ، دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پورت، يېشىل پورت بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئىقتىساد چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇلى، ئىقتىساد ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ مەۋھۇملۇققا يۈزلەنسە بولمايدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەي، داۋاملىق بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن دۇنيانىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشىمىز كېرەك.

تيەنجىن پورتىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ تيەنجىن بىنخەي- جۇڭگۇەنسۈن پەن- تېخنىكا رايونىغا كەلدى. ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمە مەركىزىدە، شى جىنپىڭ «تيەنخې» يۈرۈشلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، فېيتىڭ ئۆزىكى، چىلىن مەشغۇلات سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىل توك تەقسىملەش تور بەلبېغى توك مەشغۇلات ماشىنا ئادىمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان توپى ئەقلىي كونترول سىستېمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى ۋە مۇھىم تىرىكى، جەزمەن شارائىت يارىتىپ، كەيپىيات بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەربىر يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى بار كىشىنى كۆڭۈل قويۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان قىلىش، ھەربىر يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن- تېخنىكا رايونىنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېيجىڭدىكى تېخىمۇ كۆپ پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى بايلىقىنى باغچە رايونغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ياكى كەسىپنى ئۇزارتىشقا جەلپ قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن ئىككى شەھەرنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىگە باردى ھەم يول بويى «شەھەرنىڭ يېشىل يۈرىكى» بولغان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنغان يەرنى كۆردى. شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانا بىناسىنىڭ ئاساسىي بىناسىدا، شى جىنپىڭ لايىھە مودېلى ۋە كۆرگەزمە تاختىسى ئارقىلىق، قوشۇمچە مەركەزنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇشتا پىلانلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ئىمارەتلەر بىلەن تاغ، سۇلارنى تەبىئىي بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت، ئولتۇراقلىشىش، ئىستىراھەت، قاتناش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىقلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش، تېزلەشتۈرۈش كېرەك. يىرىك پىلاننى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلاننى ھەقىقىي مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى مىڭ يىللىق بۇ قەدىمىي پايتەختنىڭ يەنە بىر گۈزەل شەھەر نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانا بىناسى ئاساسىي بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش− بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيە تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن پىكىر يولىنى كۆزلەش، ئاساس سېلىش، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇردى، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرىدۇ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، «ھالقىلىق تۇتقا»نى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى پائال، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ساقلانما مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى فۇنكسىيەنى قايتا تەشكىللەش ۋە سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشتە كۈچەپ، يولغا قويۇشنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋاسىتىنى قوللىنىپ، قاراتمىلىقى بولغان يېتەكلەش سىياسىتىنى تۈزۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى بېيجىڭنىڭ «تۆت مەركەز»لىك فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشكە قويۇپ، پايتەختنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇشقا يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈرتكە بولۇش كېرەك. لايىھەلەش نەتىجىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلاندا نامايان قىلىپ، يىرىك پىلاننىڭ كەسكىنلىكى ۋە چەكلىمىلىكىنى ساقلاپ، قانۇن- نىزام ئارقىلىق بىر پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە يېڭى رايوندىكى پۇقرالارغا ئۆزگىرىشنى بىلدۈرۈش كېرەك. سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، بېيجىڭدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى كۆچۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى پىلانلاش، قۇرۇشقا يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆچۈرۈش جەريانىدا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك ئەھۋاللارنى تولۇق ئويلىشىپ، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە سىياسەت- تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەلىرىنى سەپلەپ، قوشۇمچە مەركەزنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بېيجىڭنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى «كونا شەھەرنى قايتا تەشكىللەش»نى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە مەركەزنىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم مەنبەسى ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش مەنبەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى قاتارلىق ئامىل بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قويۇش كېرەك. ماس تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەمۇرىي توسۇق ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ماس تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم كاپالىتى بەرپا قىلىش كېرەك. بەشىنچى، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىشىپ قۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پاكىز ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ۋەزىيىتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، جانىجان مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. سالماقنى ئاشۇرۇپ خېبېي ئۆلكىسىدىكى نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 2020- يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ يېڭى «ئىككى قانىتى»نى ياخشى پىلانلاش، ياخشى قۇرۇش كېرەك. رايون ھالقىغان مۇھىم، زور رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا قولايلىق شارائىت يارىتىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىفىت بىلەن 1- قەۋەتتىكى چوڭ زالغا كەلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى باش شۇجىغا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. شى جىنپىڭ ئارقا- ئارقىدىن قول ئىشارىسى قىلىپ كۆپچىلىككە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار. بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنى قۇرۇش بېيجىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ پايتەخت قىلىنغاندىن بۇيانقى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زور ئىش بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم، زور پۇرسەت. بىز ئورتاق تىرىشىپ بۇ زور ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى خىزمەت رايونىدىكى يېڭى كەيپىيات بىلەن، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئايرىلغاندا، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشتى، ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە توختىمىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، خې لىفېڭ ۋە شۈ كۇاڭدى قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ياكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. 1- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خېبېينىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلانلاش، كۆرگەزمە قىلىش مەركىزىدە، يېڭى رايوننىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى، سىياسەت سىستېمىسى ھەم قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)