شان - شەرەپ قەھرىمان جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ

日期:2020年09月19日
来源:新疆日报网
【字体:

خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

شان - شەرەپ قەھرىمان جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ «شان - شەرەپ قەھرىمان جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان تىز پۈكمەس ئىرادە كۈچى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى. بۇ مۇھىم بايان خەلقنىڭ تارىخنى يارىتىش ئۇلۇغ كۈچىگە ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي ئىشىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى كۈچىنىڭ نېمىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، ئاچقۇچىنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيەمىز «خەلق ئۇرۇشى» ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقا سېپىگىچە، تېببىي خىزمەتچىلەردىن ھەربىر ئاددىي كىشىگىچە، يۈز مىليونلىغان خەلق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ دەس تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يىمىرىلمەس، ئۆرۈلمەس ھەيۋەتلىك سېپىلنى بەرپا قىلدى. خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمىدى، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى، قارشى يۆنىلىشتە ئاتاكىغا ئۆتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشقا مۇناسىپ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، سارسقا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشتىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن باش ئەگمىدى، ئەزەلدىن چېكىنمىدى. جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو ئۈنۈمى، جۇڭگو ئىرادىسىنىڭ ئارقىسىدا، قۇدرەتلىك خەلق كۈچى بار. بۇ خىل كۈچ ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇيۇشۇشچانلىق، ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەت، قەيسەرلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق، كۈرەش ۋە ئىجادىيەتتۇر. جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز جاپالىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئوتتا تاۋلىنىپ، تاۋلىنىپ يۈكسىلىپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلاپ، يەنە بىر ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى.

ماقالىدە مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: قىيىنچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىش كېرەك. بىز ئۆزىمىزگە تېخىمۇ ئىشىنىشىمىز، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىمىز، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. قەھرىمان جۇڭگو خەلقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋرگە مۇناسىپ يۈكسەك شەرەپلەرنى ياراتتى! قەھرىمان جۇڭگو خەلقى جەزمەن قاينام - تاشقىنلىق ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلىرىنى يارىتىدۇ!