2020-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

日期:2020年09月16日
来源:新疆日报网
【字体:

خەلق تورى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى: 2020-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2020-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭئاساسىي مۇنبىرى خېنەنجېڭجوۋ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياترايونى تور بىخەتەرلىكى پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا نۇرغۇن ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋە داڭلىق تور ئۇچۇرى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تور بىخەتەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، تور بىخەتەرلىكى ياخشى ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.