گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە خەلقئارادا يۇقۇم داۋاملىق يامراۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا تاشقى مەبلىغى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاشقى سودا سۇبيېكتىنى ۋە كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە 15 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

  بىرىنچى، مالىيە-باج ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنى قوللاش كېرەك.