«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى» ھۆججەت تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى قانۇن بويىچە تېز قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىلگىرى سۈردى

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- چېسلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلارغا چېتىشلىق دېلولاردىكى مال-مۈلۈكلەرنى قانۇن بويىچە تېز قايتۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە بەلگىلىمىنى بېسىپ تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى تېز قايتۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئېنىق بولدى: خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، دېلوغا چېتىشلىق پۇل–مالنى قانۇن بويىچە پائال قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك، بۇ دېلو بېجىرىش ھالقىسىدا تېز قايتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، ۋاقتىدا تېز قايتۇرۇش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى تېز قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، قايتۇرۇش قارارى چىقارغان بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئالاقىدار شەخس، ئورۇن ياكى تەشكىلاتقا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېلوغا چېتىشلىق مۇناسىۋەتلىك پۇل-مال تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات ھەقىقەتەن تولۇق بولۇش؛ دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى مۇناسىۋىتى ئېنىقلانغان بولۇش؛ ئېنىق بولغان ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان شەخس، ئورۇن ياكى تەشكىلات بولۇش؛ دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى قايتۇرۇپ بېرىش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك؛ دەۋانىڭ نورمال بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياكى دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى تېز قايتۇرۇشقا باشقىچە پىكرى يوق بولۇش كېرەك.

  بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېلوغا چېتىشلىق مال–مۈلۈكلەر ئىچىدە ئاسان بۇزۇلىدىغان، يوقاپ كېتىدىغان ۋە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملار، قىممىتى ئاسان چۈشۈپ كىتىدىغان ئاپتوموبىل قاتارلىق بۇيۇملار، بازار باھاسىدا داۋالغۇش چوڭ بولغان زايوم، پاي چېكى ۋە فوند ئۈلۈشى قاتارلىق مال-مۈلۈكلەر، كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى قاتارلىقلار، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۇنداق بۇيۇملارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ساتسا، نەق پۇلغا ئايلاندۇرسا ياكى ئالدىن ساتسا بولىدۇ. تاپاۋەت پۇلى مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە تېز قايتۇرۇلىدۇ ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.