ئاساسىي قانۇن، ئادەتتىكى قانۇن ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولغان مۇھىم بىر قارار

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنىدا قارار چىقىرىلدى. قاراردا، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق تۈردە ئادا قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى باشلانغانغا قەدەر بولۇپ بىر يىلدىن كەم بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ مۇھىم قاراردا شياڭگاڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋە قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ قارار مەركەزنىڭ شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇ ئاساسىي قانۇن، ئادەتتىكى قانۇن ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشقا بولمايدىغان قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

  نۆۋەتتىكى شياڭگاڭنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قارار شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا ماس كېلىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې مەمۇرىي يىغىن ئارقىلىق كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش نەتىجىسىدە، ئەسلىدە 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 7- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىدىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلدى، يەنى، ئۇنىڭ تەلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يوللاپ، 7- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمى كېچىكتۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بوش قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە دائىمىي كومىتېتقا ئۇنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىشى توغرىدسىدا ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ «جىددىي ئەھۋال قائىدە نىزامى»غا ئاساسەن سايلامنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى چىقىرىشىنىڭ قانۇن ئاساسى تولۇق بولۇپ، ئۇ قارار جامائەت بىخەتەرلىكىگە، سايلامنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق، ھەمدە ئۇ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان، قانۇنلۇق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان زۆرۈر بىر تەدبىر بولۇپ، ئۇ كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. باش مەمۇرنىڭ مەمۇرىي يىغىن ئارقىلىق كېڭىشىپ بىرلىكتە چىقارغان قارارىنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قوللايدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالاھىدە رايون قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ بوش قېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىشى ھەققىدە تەكلىپ سۇنىدۇ.

  ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سايلام كېچىكتۈرۈلگەن ئەھۋالدا ئالاھىدە رايون قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ بوش قېلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى مەركەزدە بولىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى قانۇن تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىكار قىلىشنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ، مالىيە خام چوتىنى تەكشۈرۈش ۋە ماقۇللاش، باج ۋە جامائەت چىقىمى قاتارلىق مۇھىم خىزمەت ھوقۇقلىرىنى تەستىقلايدۇ. 6- نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ناۋادا قانۇن چىقىرىش ئورگىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئورۇن بوش قېلىش ئەھۋلى كۆرۈلسە، بۇ خىل ئەھۋال ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ نورمال ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە پايدىسىز. ئەمما نېگىزلىك قانۇندا ئالاھىدە رايونلارغا بۇنداق ئاساسىي قانۇنلۇق مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. دۆلىتىمىز يەككە تۈزۈمدىكى دۆلەت بولغاچقا، بارلىق يەرلىك ھوقۇقنى مەركەز بېرىدۇ؛ مەركەز ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، ھوقۇق پۈتۈنلەي مەركەزگە تەۋە بولىدۇ. قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە رايون ئۆزى ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىنى، يەنى قانۇن چىقىرىش ئورگىنىدا ئورۇن بوش قېلىشتەك مەسىلىنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ بىر دائىمىي ئورگىنى بولۇش سۈپىتىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بار.
  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15820773.html