شېنجوۋ ئالەم كېمىسى قونغان ھالدا يايلاقتا ئۇچۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ئىگىدارلىرى ۋە شوپۇرلىرى جەمئىيىتى (قىسقارتىلىپ جۇڭگو AOPA دېيىلىدۇ) ئۇيۇشتۇرغان يايلاقتا ئۇچۇش پائالىيىتى 21-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقىچە شېنجوۋ ئالەم كېمىسى قونغان جاي ___ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاب شەھىرى سىزىۋاڭچى يايلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يايلاقتا ئۇچۇش يىغىنىدا ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇچۇش ئەترىتى، پاراشوت بىلەن سەكرەش ئەترىتىدىن جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ئادەم، ھەر خىل ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىدىن 50 نەچچىسى تەكلىپ قىلىنىدۇ، يايلاق جۇغراپىيەسى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش نومۇرلىرى تەييارلىنىپ، كەڭ ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەركىن ئۇچۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەتتە ئاۋىياتسىيە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئاممىنى ئۇچۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ئىگىدارلىرى ۋە شوپۇرلىرى جەمئىيىتى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ئىگىدارلىرى ۋە شوپۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ دۆلەتلىك ئەزاسى.