مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن سورۇنىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ سانى ئورۇن سانىنىڭ %50 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بازار باشقۇرۇش مەھكىمىسى يېقىندا «تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» (3-نەشرى)نى تارقاتتى. «كۆرسەتمىدە» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئويۇن سورۇنىدا خادىملار ئالدىن كېلىشىش، ئېقىم چەكلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ سانى تىياتىرخانا ئورۇندۇقى سانىنىڭ %50 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇرۇش، بىخەتەر ئارىلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپ تىياتىرخانىلىق ئۇنىۋېرسال ئويۇن قويۇش سورۇنلىرى ئوخشاش بولمىغان تىياتىرخانىلار ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت، يۇقىرى پەللە گىرەلەشتۈرۈلۈشى ياكى ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق مەيدانغا كىرىشنى يولغا قويۇشى ھەمدە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ نەق مەيداندا يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملارنىڭ توپلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.