يەتتە تارماق: ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك

日期:2020年08月12日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش ھەمدە ھەق نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق يېقىندا «ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشتەك مەسىلىنى ھەقىقىي پەسەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى. 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىدە قانۇنىي ئىگە ئاپپاراتلىرىدىن 5562سى بار بولۇپ، ئەمەلىي يىغىلغان كاپىتال 1 تىرىليون 174 مىليارد 500 مىليون يۈەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنىڭ سۇغۇرتا قالدۇقى 2 تىرىليون 701 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى، ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلدى. لېكىن ھازىر، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتى يەنىلا كېڭەيتىش ھەسسىسى يۇقىرى بولماسلىق، دىققەتنى كىچىك نۇقتىلارغا ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشكە توغرىلاش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

  بۇ مەسئۇل خادىم يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق نۆۋەتتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىزىملىك» دېيىلىدۇ)نى تۇتۇش نۇقتىسى قىلىپ، مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ مەسئۇل خادىم: «ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سىستېمىسىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش — ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى كونكرېت تەدبىردۇر، شۇنداقلا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىنىڭ بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجىدۇر»، دېدى.