مەملىكەت بويىچە 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە تىزىملاش 11-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ

بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە قانداق يېڭىلىقلار بار؟

日期:2020年08月12日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەملىكەتلىك 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلىپ، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالتە قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە يەنە قانداق يېڭى مەزمۇنلار بار؟ مۇخبىر گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋچاۋنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش

  مۇخبىر: 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بۇ يىل ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟

  لى شياۋچاۋ: 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش — جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغان مەزگىلدە قانات يايدۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئالتە قېتىم مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن نوپۇس ئاساسى سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىم مەزگىلدە، مەملىكەت بويىچە 7- قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئىلگىرىكى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، يەنە ئالاھىدە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى مۇھىم ئۇچۇر تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس سانى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، نوپۇس ئۆزگىرىشنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشنى ئىلمىي، توغرا بولغان نوپۇس ئۇچۇرى مەدىتىگە ئىگە قىلىدۇ.