خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

日期:2020年08月12日
来源:人民网
【字体:

  شەھەر ئاسراش-قۇرۇلۇش بېجى قانۇنى، يەر خېتى بېجى قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ شياۋ ياچىڭنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا، خۇ خېپىڭنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويدى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق شەھەر ئاسراش- قۇرۇلۇش بېجى قانۇنى، يەر خېتى بېجى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ مياۋ ۋېينى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، شياۋ ياچىڭنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش، لو شۇگاڭنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، خۇ خېپىڭنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 51-، 52-، 53-، 54-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 164 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى توققۇز شەھەردە شياڭگاڭ قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېندىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋاڭ جياشېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ سۇڭ پۇشۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ- پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ ليۇ يۆجۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ لو دۇڭچۈەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، سوتچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش- قالدۇرۇش لايىھەلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.