ئالدىنقى يەتتە ئايدا كۆمۈركان ھادىسىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.4 تۆۋەنلىدى

日期:2020年08月12日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا كۆمۈركاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇقىم ياخشىلانغان. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 63 قېتىم كۆمۈركاندا ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 88 ئادەم ئۆلگەن، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 41 قېتىم، 92 ئادەم ئازايغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %39.4 ۋە %51.1 ئازايغان؛ چوڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھادىسە يۈز بەرمىگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قېتىم، 21 ئادەم ئازايغان.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەر دەرىجىلىك كۆمۈركان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى 60 مىڭدىن ئارتۇق يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە زور يوشۇرۇن ئاپەت 445 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 111 ى كۆپەيگەن؛ 272 كان (قېتىم)نى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرىغان، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 95 كان (قېتىم) كۆپەيگەن؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىن 439 كان (قېتىم)نى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالغان، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 102 كان (قېتىم) كۆپەيگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈركان بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىغا ئۇلانغان نورمال ئىشلەپچىقىرىۋاتقان، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان كۆمۈركاندىن 2156 سى بولۇپ، تورلاشتۇرۇپ ئۇلاش نىسبىتى %77 كە يەتكەن.