7-ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى

يادرولۇق CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشتى

日期:2020年08月11日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردە %2.4، يېزىلاردا %3.7 ئۆرلىگەن. 1-ئايدىن 7- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان.

  سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، 7-ئايدا CPI ئالدىنقى ئايدا %0.1 تۆۋەنلەشتىن %0.6 ئۆرلەشكە ئۆزگەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى %2.8 ئۆسكەن، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئىنت كېڭىيىپ، CPI نىڭ 0.62 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى دۇڭ لىجۈەننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، چوشقا گۆشى ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئاشقان، بىراق نۇرغۇن جايلاردىكى كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى تىرىك چوشقىلارنى يۆتكەشكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، تەمىنلەش داۋاملىق جىددىي بولغان، چوشقا گۆشى باھاسى %10.3 ئۆرلەپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 6.7 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن؛ پايدىسىز ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، يېڭى كۆكتات باھاسى %6.3 ئۆرلەپ، ئۆسۈش نىسبىتى 3.5 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن؛ تۇخۇم توخۇسى ئازىيىپ كەتكەچكە، ياز پەسلىدە تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، تۇخۇمنىڭ باھاسى ئۇدا توققۇز ئاي تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، %4 ئۆرلىگەن؛ يېڭى مېۋىلەر كۆپلەپ بازارغا سېلىنغان، باھاسى داۋاملىق %4.4 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئىنت تارايغان. غەيرىي يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى ئايدا %0.1 تىن تەڭلىشىشكە ئۆزگەرگەن.

  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قارىغاندا، 7-ئايدا يېمەكلىك باھاسى %13.2 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 2.1 پىرسەنت پوئىنت كېڭىيىپ، CPI نىڭ 2.68 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندە يادرولۇق CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 7- ئايدىكى %2.7 لىك ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىدە بۇلتۇرقى باھا ئۆزگىرىشىنىڭ ئاخىرقى تەسىرى تەخمىنەن 2.9 پىرسەنت پوئىنت بولۇپ، يېڭى باھا ئۆرلەش تەسىرى تەخمىنەن مىنۇس 0.2 پىرسەنت پوئىنت بولغان.