دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ 11 خادىمىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

日期:2020年08月11日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاتالمىش «شياڭگاڭ ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 11 نەپەر ئەمەلدارىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 10-ئاۋغۇست قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىلمىشى شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئاشكارا قول تىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ بۈگۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ مەسىلىسىدە ئىپادىسى ناچار بولغان ئامېرىكا فېدراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو، كروز، خولى، كوتون، تۇمى، فېدراتسىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى شىمىس، ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش لىدىرى گېشمان، ئامېرىكا خەلقئارا ئىشلار دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ باش لىدىرى مىدېۋې، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باش لىدىرى تېۋىننىڭ، «ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزىتىش»نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى روس، «ئەركىنلىك ئائىلىسى»نىڭ باش لىدىرى ئابراموۋىتسنى جازالايدۇ.