كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك

--نوپۇزلۇق تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللايدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى

日期:2020年08月11日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىشلارمۇ باشلاندى، ئەمما مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. 7- چېسلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چۈشەندۈردى .

  ئېلىمىزدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دېگەندە، ئۇ ئاساسلىقى يەككە تىجارەت، غەيرى-پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم ۋە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەسىپكارلارنىڭ كۆلىمى 200 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوبۇل قىلىشتىكى بىر «كۆلچەك» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، قانداق قوللاش تەدبىرلىرى بار؟

  «جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، ئۇششاق تىجارەتچىلەر كۆپ، تۇرمۇش مۇلازىمەتلىكلىرى كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپ، يېشى چوڭ ئىشسىزلار كۆپ، ئۇلارنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، ھەمدە ئۇلار يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىگە تېخىمۇ بىۋاسىتە ئۇچرىغان كىشىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنداقلار يەنە مەبلەغ توپلاش قىيىن بولۇش، مەيدان قوللاش قىيىن بولۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى قىيىن بولۇش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلەر. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بازارنى يېتەكلەش ۋە ھۆكۈمەت يېتەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قويۇۋېتىش، جانلاندۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قويۇلغان نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنى سىياسەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: پىكىر يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى كۆپ خىل بولۇش، سۇبيېكت كۆپ مەنبەلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، يەككە تىجارەت، غەيرى-پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنى قوللاشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىش؛ مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا، نۇقتىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باشقۇرۇش، مەبلەغ ۋە سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئاساسلىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، قىسمەن ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش، ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەقسىز ئورۇن بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، تەربىيەلەش مۇلازىمىتى ئاز، ھوقۇقىنى قوغداش يوللىرى تار، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشتەك يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، نۇقتىلىق ھالدا يېڭى كەسىپ ئېچىش، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بىز «ئالاقە تورى +» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە سۇپا ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا پارچە سېتىش، ئالاقە تورىدا داۋالاش، تور دەرسخانىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ تېز يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىم تەقسىماتى ۋە ئىستېمال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خا زېڭيوۋ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.