سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى: ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئاممونىي نىترات قاتارلىق پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ خام ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2020年08月11日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 10- چېسلا «پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئۇ خىل بۇيۇملارنى زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار ساھەلەرگە مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئاممونىي نىترات قاتارلىق پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ خام ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار ساھەلەرگە مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار چوقۇم پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ساقلاش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، ئالدىن تۇتۇش، گەۋدىلىك تۇتۇش، نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك. ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كارخانىلىرىنى پۇقراۋى مەشغۇلاتتا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ، يېرىم تەييار مەھسۇلات ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خام ئەشيالارنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە دەرھال تەشكىللەش كېرەك.