خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنى 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

日期:2020年08月11日
来源:人民网
【字体:

  يىغىندا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شان-شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ، مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى ۋە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنى 10- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى سەي دافېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 165 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  يىغىندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شان-شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ئۈچۈن كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپى قاراپ چىقىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن دوكلاتى، يەنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. دوكلاتتا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلار تونۇشتۇرۇلدى، بەش تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار: ئىدىيىۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشقان ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتى بولغان يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەش؛ تەشكىلىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتىنى ئايرىم تەسىس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.